باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ش ئا ئە ت ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللىدى

2016.01.28 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي پائالىيىتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ دېدى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرگ شۇ كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى ئېررول بىلەن كۆرۈشتى. گېرمانىيە بۇ يىل 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن سېربىيەنىڭ ئورنىغا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن.

  سىتونتېنبېرگ ئۇكرائىنا كىرزىسى ئارقا كۆرۈنۈشىدە ياۋروپا رايونىنىڭ ھەربىي پائالىيىتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئېنىقلىق مېخانىزمى قۇرۇلۇشى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا تاسادىپىي توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق دەپ قارىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر