باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش تەدبىرىنى ئۇزارتتى

2016.01.28 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش تەدبىرىنىڭ مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

  قارارغا ئاساسەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەينى كەينىدىن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جازالاش كومىتېتى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ياكى بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قاتناشتى دەپ بېكىتكەن شەخس ياكى تەشكىلاتلارغا ساياھەتنى چەكلەش بۇيرۇقى، مال مۈلۈكىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش مۇددىتىنى 2017-يىلى 31-يانۋارغىچە ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلدى.

  قاراردا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرىنىڭ كېڭىشىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى سايلىمى ۋە ئىككىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى سايلىمى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇپ، بۇ يىل مارتنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكۈنچى مۇساپىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى مۇراجىئەت قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر