باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

4-نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2016.01.28 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4 -نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن ئېكۋاتورنىڭ پايتەختى كىتودا ئېچىلدى، لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا 33 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ياكى ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلىرى يىغىنى بىر كۈن ئېچىلدى، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ياكى ۋەكىللىرى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ 2016-يىللىق ھەرىكەت پىلانىغا قاراپ چىقتى، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى مۇھاكىمە قىلدى، بۇ نامراتلىق ۋە ئادالەتسىزلىق قاتارلىقلارنى ئازايتىش، مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىت مەسىلىسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەمدە ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق قارالمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر