باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قۇچىقىدا بوۋىقىنى كۆتۈرىۋېلىپ بۇقا بىلەن ئېلىشقان ئىسپانىيەلىك تورداشلارنىڭ تەنقىتىگە ئۇچرىدى

2016.01.28 12:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسپانىيەلىق داڭلىق بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى فرانسىسكو رىۋېرا يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسىدا بىر پارچە ئۆزىنىڭ قوينىدا بەش ئايلىق قىزىنى كۆتۈرىۋېلىپ بۇقا بىلەن ئېلىشقان سۈرىتىنى يوللاپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. بەزىلەر، بۇ ھەرىكەت بەكلا خەتەرلىك، بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بار، دەپ قارىدى؛ يەنە بەزىلەر، بۇقا بىلەن ئېلىشىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى بەك قانلىق، بالىنى بۇنداق ھەرىكەتكە قاتناشتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا بىر خىل «خاتا مائارىپ ئۇسۇلى»، دېدى.

  ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رىۋېرا قۇچاقلىۋالغىنى ئۇنىڭ كىچىك قىزى كارمېن بولۇپ، ئاران 5 ئايلىق بولغان ئىكەن. رىۋېرا قىزىم كارمېن جەمەتىمىزنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى ماھىرى، «بۇقا سوقۇشتۇرغۇچى جەمەت»نىڭ ئەۋلادى بولغانلىقتىن، كىچىكىدىنلا بۇقا بىلەن ئېلىشىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەنئەنىسى، دەپ قارىدى.

  رىۋېرا: «بوۋام دادامنى شۇنداق قۇچاقلاپ كالا بىلەن ئېلىشقان، داداممۇ شۇنداق قىلغان؛ مەنمۇ بۇرۇن چوڭ قىزىم كايىتانانى كۆتۈرۈپ بۇقا بىلەن ئېلىشقان، ھازىر كارمېننى كۆتۈرۈپ بۇقا بىلەن ئېلىشتىم. دادىنىڭ قوينى ئەڭ بىخەتەر»، دېدى.

  ھالبۇكى، سۈرەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھايۋانلار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى رىۋېرانى تەنقىد قىلدى. ئىسپانىيە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئافانسو ئالونسو: «ھەرقانداق ئەھۋالدا بالىنى خەتەر ئىچىدە قويماسلىقى كېرەك ئىدى»، دېدى.

  يەنە بەزى تورداشلار خاپا بولۇپ: «ئەگەر مەن سېنىڭ خوتۇنۇڭ بولغان بولسام، سېنى ئۆلتۈرۋېتەتتىم»، دېدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر