باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى»

2016.01.28 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىلدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يىللىق دوكلاتى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى: 2015-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.9گە يەتتى! ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەيدىغان، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىدىغان جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولماقتا.

  ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. بۇلتۇر دۇنيا بويىچە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6تىن ئاشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن پەقەت جۇڭگو بىلەن ھىندىستان بار، لېكىن ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاران 1/5 گە توغرا كەلدى. ئېشىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك بولدى. دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 2015-يىلى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 67 تىرىليون 670 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 25 يىل بۇرۇنقى ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدىن 10 نەچچە ھەسسە ئاشقان؛ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مىقدارى 630 مىليارد دوللار بولۇپ، دۇنيا بويىچە 20-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتنىڭ پۈتۈن يىللىق GDP ئومۇمىي مىقدارىغا تەڭ بولغان. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە، مۇنبەرنىڭ قۇرغۇچىسى شۋاب مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ %6.9 لىك GDP ئېشىش مىقدارى شىۋېيتسارىيەنىڭ پۈتۈن يىللىق GDPسىغا توغرا كېلىدۇ.

  سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولدى. 3-كەسىپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50.5كە يېتىپ، ئىستېمالنىڭ GDPغا قوشقان تۆھپىسى %60تىن يۇقىرى بولدى، پەن-تېخنىكىدا ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 2010-يىلىدىكى %50.9تىن 2015-يىلدىكى %55.1كە ئۆسۈپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇقىم، مال باھاسى مۇۋاپىق، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى «ئالتۇن مىقدارى»نىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.2015-يىلى خەلقئارا بازار ئېگىز-پەس ئۆزگىرىپ، ۋەزىيەت تۇراقسىز بولسىمۇ، جۇڭگو يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى»،«تەڭپۇڭلۇق تېشى» بولدى

  چېگرا سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولدى. بۇلتۇر ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ بانكا بىرلەشمە كارتىسى بىلەن چەت ئەللەردە ئىستېمال قىلىش سوممىسى 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2014-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشتى.چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولدى. 2015-يىلى ئېلىمىز مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش سوممىسى 735 مىليارد 80 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2014-يىلدىكىدىن %14.7 ئاشتى. بولۇپمۇ قاتناش تىرانسپورت، ئېلېكتىر كۈچى، خەۋەرلىشىش، ياسىمىچىلىقتا چەت ئەلگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئېشىش نىسبىتى زور بولدى.چوڭ تاۋارلارنىڭ ئىمپورتى يېتەرلىك بولدى. 2015-يىلى ئېلىمىز 953 مىليون توننا تۆمۈر رۇدىسى، قۇم ئىمپورت قىلىپ، ئېشىش نىسبىتى %2.2كە يەتتى؛ 334 مىليون توننا خام نېفىت ئىمپورت قىلىپ، ئېشىش نىسبىتى %8.8كە يەتتى؛ دادۇر ئىمپورتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %44كە يەتتى. داڭلىق ئاپپارات مېيليەن مېيگېن يېقىندا چىقارغان دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: پەقەت جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەنلا دۇنيا ئىقتىسادىنى چېكىندۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىل ئەمەس، چۈنكى جۇڭگو ئىمپورت قىلغان خام نېفىت مىقدارىدا زور دەرىجىدە چۈشۈش بولمىدى.تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، جۇڭگو يەنە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش «يېڭى بوشلۇقى»نى كېڭەيتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە يولغا قويۇلۇشى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا ھەمكارلىقنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ 2015-يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار 49 دۆلەتكە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى 14 مىليارد 820 مىليون دوللارغا يېتىپ، 2014-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2 ئېشىپ، چەت ئەلگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %12.6نى ئىگىلىگەن. بۇلتۇر جۇڭگو 20 نەچچە دۆلەت بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكا، ياۋروپادىكى خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇب-شىمال ۋە جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتقان.

  مۆلچەرلىنىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىسى %25تىن يۇقىرى بولغان، چەت ئەلدىكى قىسمەن مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، 2015-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %3.1 بولغان، جۇڭگو 1.3 پىرسەنت پوئېنت تۆھپە قوشقان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر