- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتى 29- يانۋارغا كېچىكتۈرۈلدى
2016.01.26 16:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىستۇرا 25- يانۋار شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە، ئەسلىدە 25- يانۋار باشلىنىدىغان سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ 29- يانۋارغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جىددىي ياراشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسىملىكىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىردەك ھاسىل قىلىندى. ئۇ سۆھبەتنى 29- يانۋار جەنۋەدە باشلاش ئۈچۈن 26- يانۋار تەكلىپ ئەۋەتىشى مۇمكىنكەن. ئۇ، تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەسمىي ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254- نومۇرلۇق قارارىدىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر