باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىللىق مەملىكەت بويىچە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرى دوكلاتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى

يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى 3900دىن ئارتۇق كادىرنىڭ ئۆستۈرۈلۈش سالاھىيىتى بىكار قىلىندى

2016.01.26 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ26 - يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات-كادىرلار ئىشلىرى تارماقلىرى مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە 2015-يىلى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، مىخ مىخلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. پۈتۈن يىلدا 439 مىڭ 200 مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك كادىر ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى شەخسىي ئىشلىرىنى ئەينەن مەلۇم قىلمىغان 3900دىن ئارتۇق كادىرنىڭ ئۆستۈرۈش سالاھىيىتى بىكار قىلىندى، 124 كادىر ۋەزىپىسىدىن يۆتكەش، ئاددىي ۋەزىپىگە قويۇش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار بويىچە جازالاندى، ئارىلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا مەسىلە بايقالغان 160 كادىر پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالاندى. ئارىلاپ تەكشۈرۈش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر