باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«تائام رىسالىسى» ھەر ۋاقىت خانىم –قىزلارغا ھەمراھ

2016.01.26 15:53   مەنبە: خەلق تورى

«تائام رىسالىسى» ھەر ۋاقىت خانىم –قىزلارغا ھەمراھ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى/ فوتوسى (ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بالقاش مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن يولغا قويۇلغان «تائام رىسالىسى» پىروگراممىسى بەش يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى داڭلىق ئاشپەز ئۇستاملارنىڭ يىتەكچىلىكىدە خەلققە تونۇشتۇرۇپ، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ ئۆگىتىش، يىتەكلەش، نەق مەيداندا كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قىز – ئاياللار، يېڭى كېلىنچەكلەر ۋە ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەييارلاشنى ئۆگىنىشكە ھەۋەس قىلىدىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئاز-تولا ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلغانىدى. لېكىن بۇمۇ ئۇيغۇر خانىم –قىزلىرىمىزنىڭ «تۆشۈك»كە بولغان مېھرىنى قاندۇرالمىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بالقاش مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى «تائام رىسالىسى»نىڭ DVD پىلاستىنكىسىنى يېقىندا نەشردىن چىقىرىپ، خانىم-قىزلارغا مەڭگۈلۈك ھەمراھ قىلدى.

  «تائام مەدەنىيىتى» بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق يىللىق ياشاش مۇھىتى، جۇغراپىيەلىك شارائىتى، شۇ يەرنىڭ ھاۋا كېلىماتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ھەر بىر مىللەت ئۆز بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ، ساغلاملىقىغا ماس، قۇۋۋەت بېرەلەيدىغان پايدىلىق تائاملارنى ئۇزاق يىل سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تائام مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى پۈتۈن دەۋرلەردە ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، ھۈنەر-كەسىپلەرگە ماھىرلىقى بىلەن جاھاننىڭ سەلتەنەت سورۇنلىرىدا ئەزىزلىنىپ، ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن. قاراخانىلار، مەيلى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چىڭگىزخان ئوردىلىرىدا بولسۇن، «ئۇيغۇر تائاملىرى» ئوردا تائاملىرى بولۇپ تائاملارنىڭ شاھى بولغان. مىللىتىمىز تۈركىي قەۋىملەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن شەھەرلەشكەن ۋە شەھەرلەشكەن خانلىقلارغا ئارىلىشىپ ياشاپ كەلگەن بولغاچقا يايلاق مەدەنىيىتىدىكى گۆش ۋە سۈت تۈردىكى ئاسان تەييار بولىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن ھالقىپ ھازىرقىدەك تۈرى مول ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. «ناۋايى غىزا» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر تائاملىرى يېيىشلىك، سېڭىشلىك، تەييارلىنىشى كۆركەم بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ئەجدادلىرىمىز يېمەكلىك ئارقىلىق كېسەل داۋالاشتەك سىستېمىلىق ئەندىزنى بارلىققا كەلتۈرگەن. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر بىر مەۋجۇداتنىڭ ساقلىقنى ساقلاش رولىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ «غىزايى داۋا»لارنى روياپقا چىقارغان. ئوغۇزخان دەۋرىدىن باشلاپ بىزدە تائام مەدەنىيىتى شەكىللىنىپ بولغان.

  ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ھەم سەر خىل بولسىمۇ لېكىن تائاملارنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇللىرى تولۇق خاتىرىلەنمىگەن، يازما ماتېرىيال يوق دېيەرلىك ھەم ئارخىبلاشتۇرۇلمىغان.

  «تائام» مەدەنىيىتى ھەر بىر ئائىلىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىل بولۇپ، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ئەزەلدىن ئۇستاز شاگىرت مۇناسىۋىتى ھەم قولى گۈل چىۋەر ئانىلارنىڭ قىزلىرىغا تۈجۈپىلەپ ئۈگىتىشىدىن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەرەققىي قىلىپ راۋاجلىنىپ كەلگەن. زامانىۋى مەدەنىيەت يىتەكچى قىلىنىۋاتقان، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر تەسىر قىلىپ سىڭىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە نۇرغۇن ياشلىرىمىز قازان بېشىدىن يىراقلاپ، نۇرغۇن ئەنئەنىۋى تاماقلىرىمىزنى ئۇنتۇپ كەتتى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا «تائام رىسالىسى» پىروگراممىسى خانىم – قىزلارغا ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش سورۇنى بولغانىدى، ئەپسۇس بۇ پىروگراممىلار بەلگىلىك ۋاقىتتىلا قويۇلىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. شىنجاڭ تېلېۋىيە ئىستانسىسى بىلەن بالقاش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى كەڭ خەلقنىڭ بۇ ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ « تائام رىسالىسى» پىروگراممىسىدىكى 400 خىلدىن ئارتۇق تائاملار ئىچىدىن كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان، كۆپ كىشىلەر ئېتىشنى بىلىدىغان تائاملارنى ئەمەس، بەلكى تاماقخانىلاردا مودا بولۇۋاتقان خانىم – قىزلارنىڭ ئۆيىدە ئېتىپ بېقىش ئارزۇسى بار تائاملاردىن 53 خىلنىڭ تەييارلىنىش ئۇسسۇلىنى DVD پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەپ ئاياللارنىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قەۋەتلا خۇش قىلدى.

  24-يانۋار، ئۈرۈمچى تۇمارىس مېمانسارىيىدا DVD پىلاستىنكىسىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇشۇ پىروگراممىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىغا ياردەمدە بولغان، بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر تائاملىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، تائاملارغا گۈل كەلتۈرگەن دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئاشپەز يۇنۇس ھەمدۇللا ئاكىمىزغا تون كىيگۈزدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ