باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند بىلەن مالايسىيا گۇمانلىق ئايروپىلان قالدۇقىنى داۋاملىق تەكشۈرىدۇ

2016.01.26 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاندنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ناكخون سىخاممارتنىڭ شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدا بايقالغان گۇمانلىق ئايروپىلان قالدۇقى 25- يانۋار ناكخون سىخاممارت ئايدرومىغا يۆتكەپ كېلىندى، تايلاند تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مالايشىيانىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى بىلەن بىرگە تەكشۈرۈپ، ئايروپىلان قالدۇقىنىڭ مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 370- قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقى ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 23- كۈنى، بىر پارچە ياي شەكىللىك مېتال جىسىم ناكخون سىخاممارت دېڭىز ساھىلىغا چىقىپ قالغان. مېتال تاختىنىڭ يۈزى ئاق رەڭلىك بولۇپ، يوسۇن، بالانۇس قۇلۇلىسى قاپلاپ كەتكەن. سىرتىدىكى رەقەم ۋە كود نومۇرىغا قاراپ ئۇنىڭ قايسى خىل ئۇچقۇغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ناكخون سىخاممارتتىكى ئەمەلدار مۇنداق دېدى، بۇ قالدۇق جىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىر، كەڭلىكى 3 مېتىر، ئېغىرلىقى 100 كىلوگىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر