باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى مەملىكەت بويىچە ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ جەمئىي 639مىڭ پارچە ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالدى

2016.01.26 13:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىستىمالچىلار جەمئىيىتى 2015-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئىستىمالچىلار جەمئىيەتلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەرز تاپشۇرۇۋېلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. 2015-يىلى بىر يىلدا مەملىكەت بويىچە ئىستىمالچىلار تەشكىلاتلىرى جەمئىي 639مىڭ پارچە ئىستېمالچىلار ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغان، 546مىڭ پارچىنى ھەل قىلغان، ئەرزنىڭ ھەل قىلىنىش نىسبىتى %85.36كە يەتكەن، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن تولدۇرىۋېلىنغان ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليارد 50مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تىجارەتچىنىڭ ساختىپەزلىك قىلمىشى سەۋەبلىك ھەسسىلەپ تۆلەم تەلەپ قىلىش ئەرزى 4962پارچە بولۇپ، ھەسسىلەپ تۆلەنگەن پۇل سوممىسى 32مىليون 990مىڭ يۈەن بولغان.

  بارلىق ئەرزلەر ئىچىدە، تاۋار تۈرىدىكى ئەرزلەر 309مىڭ پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ ئىچىدە %48.34نى ئىگىلەپ، 2014-يىلدىكىدىن %5.72تۆۋەنلىگەن. ئائىلە ئېلېكتېر سايمانلىرى تۈرى، كىيىم-كېچەك، ئاياغ تۈرى، قاتناش قوراللىرى تۈرى، كۈندىلىك تاۋار بۇيۇملىرى ۋە ئۆي قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرىدىكى ئەرزلەر ئالدىنقى بەش ئورۇننى ئىگىلىگەن. قاتناش قوراللىرى تۈرىدىكى ئەرزلەر %1.08ئۆرلىگەندىن باشقا، باشقا تۈردىكى ئەرزلەر مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. كونكېرت تاۋارلار ئەرزى ئىچىدە، ئەرز قىلىنىش سانى ئالدىدا تۇرغىنى ئالاقە تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، ماشېنا ۋە زاپچاسلار، كىيىم-كېچەك، يېمەكلىك قاتارلىقلار ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر