باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى جۇڭگونىڭ ئەقىل ئامبىرى سانى ۋە ئەمەلىي كۈچى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى

2016.01.28 12:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەقىل ئامبىرى ۋە پۇقرالار جەمئىيەت تۈرى يېزىپ چىققان «2015-يىلدىكى يەر شارى ئەقىل ئامبىرى دوكلاتى» 27-يانۋار بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015- يىلى جۇڭگونىڭ ئەقىل ئامبىرى سان ۋە ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە بىردەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيادىكى ئەقىل ئامبىرى سانى 6846 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا 435 ئەقىل ئامبىرى بولۇپ 2014-يىلدىكىدىن ئالتىسى كۆپەيگەن ھەمدە جۇڭگو داۋاملىق دۇنيادىكى ئىككىنچى ئەقىل ئامبىرى چوڭ دۆلىتى بولۇپ تۇرغان. يەر شارى ئەقىل ئامبىرىغا تاللانغان 150 كۈچلۈك ئىچىدىكى جۇڭگو ئەقىل ئامبىرى بۇلتۇرقى 7دىن 9غا كۆپەيدى، بۇلار جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقاتى مەركىزى، خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «يەر شارى ئەقىل ئامبىرى دوكلاتى 2015» نى 143 دۆلەتتىن كەلگەن 4677 مۇخبىر، تەدبىرچى، ئەقىل ئامبىرى مۇتەخەسسىسلىرى، جامائەت ۋە شەخسىي ھەدىيە قىلغۇچى باھالاش ۋە رەتكە تۇرغۇزۇشقا قاتناشقان. «يەر شارى ئەقىل ئامبىرى دوكلاتى» 2007-يىلى يەر شارى ئەقىل ئامبىرى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلغاندىن ھازىرغىچە، بارا-بارا يەر شارى ئەقىل ئامبىرىنىڭ ئىپادىسى ۋە ئۇنىۋېرسال تەسىر كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ قالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر