باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھۆمەينى بىلەن كۆرۈشتى

2016.01.25 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن تېھراندا ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنىيى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ دوستلۇقى جۇڭگو ۋە ئىران خەلقىنىڭ دوستلۇق ئالاقە ئورنىتىشتىكى ئۇزاق تارىختىن باشلانغان، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قىيىنچلىق مەزگىللەردە ئۆزئارا بىر بىرىنى يۆلەش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ غەلبە قىلىش ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىن كەلگەن، بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك، نۆۋەتتە جۇڭگو ئىران مۇناسۋىتى تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو باشتىن ئاخىرى ئىراننى ئىشەنچلىك ھەمكارلىق شېرىكىمىز دەپ قارايدۇ، ئىران بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىران بىر بەلباغ، بىر يولنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ تەبئىي بايلىق شېرىكلىرى، جۇڭگو ئىران بىلەن تەرەققيات پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، بىر بەلباغ بىر يول رامكىسى ئىچىدە ئۇل ئەسلىھە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئېنېرگيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئىران ھەمكارلىقىدىن ئىككى دۆلەت خەلقىغە نەپ يەتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئىران بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئۆزئارا قوللىشىپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچىلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  ھامىنىيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئەيتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى دەل ۋاقىتىدا بولدى، ئىران بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى مۇھىم دۆلەت، بىر بەلبەغ بىر يولنى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا تېخىمۇ زور رول ئويناشنى خالايدۇ، جۇڭگو خەلقئارادا تەسىرى بار مۇھىم دۆلەت، ئىران جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون بىخەتەرلىكى، تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر