باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېز يوللانمىلارنى ئوراپ قاچىلاشتا دۆلەت ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك ( تەكلىپ)

2016.01.26 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا مال سېتىۋېلىش مودىغا ئايلاندى، تېز يەتكۈزۈش كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، سودىسى جانلاندى، لېكىن تېز يوللانمىلارنىڭ ئوراپ قاچىلاش ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە توشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر خېرىدارلارنىڭ ساغلاملىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، تېز يوللانمىلارنى ئوراپ قاچىلاشتا دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئۆلچىمى بولمىغانلىقتىن، ھازىر بازاردا ئىشلىتىلىۋاتقان تېز يوللانما بولىقى ماتېرىياللىرى خىلمۇخىلىشىپ كەتكەن، بەزى تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى پۇل تېجەش ئۈچۈن يىغىۋىلىنغان تاشلاندۇق ماتىرياللاردىن پىششىقلانغان ئوراش-قاچىلاش خالتىسىنى ئىشلەتكەن. بۇنداق ماتىرياللاردا زىيانلىق خىمىيەلىك ماددىلار قالدۇقى بولۇش خەۋىپى بار.

  بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىمىز: تېز يوللانمىلارنى ئوراپ قاچىلاشتا دۆلەت مۇناسىپ ئۆلچەم بېكىتىشى كېرەك. تېز يوللانمىلارنى ئوراش خالتىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، كىنىشكىسىز ئىشلەپ چىقارغان ئوراش خالتىسىنى ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىش كېرەك؛ ئىستېمالچىلارنىڭ نازارەت قىلىشىغا ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن، ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئوراش خالتىسىدا ياساش ماتېرىيالى، ئىشلەپچىقارغان ئورۇن، نازارەت قىلىش تېلېفونى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر