خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى/ فوتوسى) ياشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ھەمدە يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان چاغاننى كۈتىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چەرچەن ناھىيەسىدە 21-يانۋاردىن 25-يانۋارغىچە «ھەسەن –ھۈسەن لوڭقىسى»نى تالىشىش ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە ھەرقايسى يېزا بازارلاردىكى ياشلاردىن تەشكىللەنگەن14 كوماندا قاتناشتى.
سۈرەتتە: ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى