باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قانۇنسىز مەزمۇن تارقاتقان ئىككى تور بېكەتنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2016.01.26 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا بۇ ئورۇن653130تورى(www.653130.com)ۋە مۇزىكام تورى(www.muzikam.com)نى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

  شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى تور ئەھلىنىڭ پاش قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن، دەرھال ئىككى تور بەتكە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 653130تورى ۋە مۇزىكام تورىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، يامان تەسىر پەيدا قىلىدىغان قانۇنسىز مەزمۇن تارقاتقانلىقىنى بايقىغان.«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى قارارى » ۋە « ئالاقە تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى » قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئىككى تور بېكەتنى تاقاپ تۈزەش جازاسى بەرگەن.

  شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : تور بېكەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاخىرقى چەك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى ۋە ئىنتىزامچان بولۇشى كېرەك. بۇندىن كېيىن، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئالاقە تورى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەر خىل قانۇنسىز قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، كەڭ تور ئەھلىنىڭ داۋاملىق توردىكى قانۇنسىز ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىپ پاش قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  شىنجاڭ ئىنتېرنېت تورىدىكى قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش مەركىزى تور ئادرېسى xjwljb.ts.cn :، پاش قىلىش تېلېفونى 0991-6788111 :، پاش قىلىش خەت ساندۇقى :xjwljb@xjts.cn .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر