باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەكلەش سىزىقى سىزىشتىن باشقا يەنە جەرىمانە قويۇلدى

شاڭخەي شەھىرى كادىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ سودا قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىدى

2016.01.26 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ26 - يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شاڭخەي شەھىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى. بىر مەزگىلدىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرى پائال ئىزدىنىپ، تۈزۈم، بەلگىلىمە جەھەتتىن رەھبىرىي كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، «بىر ئائىلىدە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»، «ئەمەلدار بىلەن سودىگەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىنتىزام «قەغەز يۈزى»دىن «يەر يۈزى»دە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتى

  شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئاچتى. شۇ كۈنى كەچتە نۇرغۇن كادىرلار ئائىلىسىدە يىغىن ئاچتى.

  شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم 2015-يىلى 4-ماي «شاڭخەي شەھىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جۆرىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىسىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە (سىناق نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى. «بەلگىلىمە»گە ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن شاڭخەيدىكى شەھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جۆرىسىنىڭ سودا قىلىشى، كارخانا ئېچىشىغا بولمايدىغانلىقى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىسىنىڭ شاڭخەيدە سودا قىلىش، كارخانا ئېچىشىغا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خەن جېڭ شۇ كۈنى قاتتىق ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: تۈزۈم قاتلىمىدا تۇرۇپ نازارەت قىلىش، چەكلەشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقىدار ئىنتىزام قائىدىلىرىنى «قەغەز يۈزى»دىن «يەر يۈزى»دە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن شاڭخەي شەھىرىدە مۇئاۋىن ئىدارە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنغا ئۆستۈرۈلىدىغان رەھبىرىي كادىرلارنى چوقۇم بەلگىلىمە بويىچە تاللاش كېرەك، تۈزۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر