باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرنىمۇ خاتا قويۇۋەتمەسلىك، كەچۈرۈم قىلغاندا بىرنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك

قىسمەن مەھبۇسلارنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

2016.01.26 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى 29-ئاۋغۇست، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارار چىقىرىشى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەئىس ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش پەرمانىنى ئىمزا قىلىشى بىلەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى مابەينىدە، جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان قىسمەن مەھبۇسلارنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش قارار قىلىندى. ئارىدىن تۆت ئايدىن كېيىن مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن ئۇقۇشىچە، بۇ قېتىم پىلانلانغان ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتى 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.
جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان قىسمەن مەھبۇسلارنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش، ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئاساسىي قانۇنىدا ئالاھىدە كەچۈرۈش قىلىش تۈزۈمى بېكىتىلگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلۇشى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش قارارى ۋە دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش پەرمانىغا ئاساسەن، بۇ قېتىم ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنغان جازا ئۆتەۋاتقان مەھبۇسلار مۇنداق تۆت خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقانلار؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن سىرت بىلەن ئۇرۇش قىلغانلار؛ 75 ياشقا كىرگەن، ئېغىر مېيىپ ۋە ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار؛ جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 18 ياشقا كىرمىگەن، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن ياكى ئېشىپ قالغان جازا ئۆتەش مۇددىتى بىر يىلدىن تۆۋەنلەر. ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش قارارى ۋە ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش پەرمانىدا بېكىتىلگەن بىر نەچچە خىل ئېغىر جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە كېسىم چىقىرىشى بىلەن مەملىكەت بويىچە 31527 جازا ئۆتەۋاتقان مەھبۇس ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى تۈر بويىچە 50 مەھبۇس، ئىككىنچى تۈر بويىچە 1428 مەھبۇس، ئۈچىنچى تۈر بويىچە 122 مەھبۇس، تۆتىنچى تۈر بويىچە 29927 مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر