باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

13 -نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش ئەرلەرنىڭ 10 مىڭ مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە لو يىمىڭ دۆلەت رېكورتىنى بۇزۇپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

2016.01.26 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:25-يانۋار چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تۈرىنىڭ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. ئەرلەرنىڭ 10 مىڭ مېتىرغا تېز تېيىلىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، خاربىن كوماندىسى ماھىرى لو يىمىڭ 13مىنۇت 35 سېكۇنت 84 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، ھەمدە سۇ شىڭيۈنىڭ 2008-يىلى11-ئايدا ياراتقان 13مىنۇت 41 سېكۇنت 15 دەقىقىلىك ئەسلىدىكى دۆلەت رېكورتىنى يېڭىلىدى. بۇ ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن 3-ئالتۇن مېدالى بولدى. تېز مۇز تېيىلىش ئەرلەرنىڭ 10 مىڭ مېتىرغا تېيىلىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، لو يىمىڭ بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ 1500 مېتىرغا تېيىلىش ۋە ئەرلەرنىڭ 5 مىڭ مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش ئەرلەرنىڭ 10 مىڭ مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە سانجى كوماندىسىدىن گو جېۋېن ۋە ئۈرۈمچى كوماندىسىدىن جۇ جياپەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر