باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

دوستلۇق ناخشىسى ياڭرىتىپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەيلى

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىران ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىدىكى زىيارىتىنىڭ مول نەتىجىلىك بولغانلىقى، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا

2016.01.25 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-يانۋاردىن 23-يانۋارغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت ئاخىرلاشقاندا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇخبىرلارغا بۇ قېتىملىق زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەنلا سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئىرانغا بېرىپ، بۇ يىلقى تۇنجى مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنى باشلىدى. ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم تەسىرگە ئىگە ۋە جۇڭگو بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئورناتقان، كەڭ ھەمكارلىقنى ساقلىغان دۆلەتلەر. ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭنى دۆلىتىدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. رەئىس ش جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتتە بولۇشى ۋە ئۈچ دۆلەتنى بۇ يىلقى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى قىلىشى، جۇڭگونىڭ بۇ ئۈچ دۆلەت ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى قىيىن بولۇۋاتقان، رايونلارنىڭ قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرى مەركەزلىك، كۆپ يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ياراشتۇرۇش ئۈچۈن زىيارەتكە كەلگەنلىكى، زىيارەتتە بولىدىغان دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.

  زىيارەت مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، بەش كۈندە تۆت شەھەرنى زىيارەت قىلىپ، 40 نەچچە مەيدان پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئۈچ رايونلۇق تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتى. بۇ قېتىملىق زىيارەتتە 52 تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاندى، مەزمۇن، نەتىجىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك ئوتتۇرا شەرق سەپىرىنى بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سەپىرى، ھەمكارلىقنى كۆزلەپ ئورتاق يېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەپىرى، رايونلارنىڭ تىنچ كېلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سەپىرى دېيىشكە بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر