- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندىستان فىرانسىيەدىن 36 دانە «قۇيۇن» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالدى
2016.01.26 16:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھىندىستان زۇڭلىسى مودى زىيارەتكە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن 25- يانۋار يېڭى دېھلىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ھىندىستاننىڭ فىرانسىيەدىن 36 دانە «قويۇن» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. مودى بىلەن ھوللاندى كۆرۈشىشتىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى، ئىككى تەرەپ يېقىندا ئەڭ ئاخىرقى باھا ۋە پۇلنى قانداق تۆلەش قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلاردا بىرلىككە كەلسە، ئالاقىدار سۆھبەت ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. ھوللاندى مۇنداق دېدى، «قويۇن »ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان فىرانسىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانى، ھازىر سۇرىيەدە ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. شۇ جايدىكى تاراتقۇلار مۇنداق دېدى، ھىندىستان بۇ قېتىم فىرانسىيەدىن سېتىۋالغان 36 دانە «قويۇن» ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ باھاسى تەخمىنەن 8 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر