- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىرانغا قاراتقان مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي جازالارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2016.01.25 09:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم 16-يانۋاردىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىندى، يېقىندا يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىرانغا قاراتقان مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي جازالارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىسلاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 21-يانۋار ئىراننىڭ يادرو تۈرىگە قاراتقان ئالاقىدار ئىقتىسادىي ۋە پۇل مۇئامىلە جازاسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسلاندىيە ئىراننىڭ مەبلەغ سېلىش، بانكا، پۇل، پاراخوت ترانسىپورتى قاتارلىقلارغا قاراتقان ئىقتىسادىي ۋە پۇل مۇئامىلە جازاسىنى بىكار قىلىدىكەن.
ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو تۈنۈگۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازانى بىكار قىلىشقا قوشۇلغانلىقى، ھەمدە يېقىندا ئىران بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ ئىرانغا كىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر