باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۇرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

2016.01.25 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي بىلەن تۈنۈگۈن تېلېفونلىشىپ، سۇرىيە مەسىلىسىنى مۇنازىرىلەشتى.

  ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرانىڭ كېلەر ھەپتە جەنۋەدە سۇرىيەدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈپ، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي جەھەتتە ھەل قىلىش مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇش تەشەببۇسىنى قوللىدى.

  ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئۆكتىچى گۇرۇھ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەقىقىي ۋەكىللىككە ئىگە بولۇشى، سۆھبەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرەش قىلىشى، سۇرىيە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزلىرى تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

  لاۋروف بىلەن كىررىي مۇنداق دەپ قارىدى: سۇرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىغا خەلقئارادىكى كۈچلەرنىڭ ئۈنۈملۈك قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيە، ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېتەكچىلىكىدىكى سۇرىيە خەلقئارا قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قاناتيايدۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر