- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015-يىلى رۇسىيەنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى 2.6 پىرسەنت بولدى
2016.01.25 09:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىقى ئۈلۈشكۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2015-يىلى رۇسىيەنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى تەخمىنەن 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، رۇسىيەنىڭ شۇ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2.6 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.
رۇسىيە 2003-يىلىدىن باشلاپ نېفىت ئېكسپورتىدىكى ئاشقان كىرىمىنى يىغىپ ھۆكۈمەت مۇقىم فوند قۇرغان ھەمدە 2008-يىلى 1-فېۋرال بۇنى زاپاس ساقلاش فوند ۋە دۆلەت پاراۋانلىق فوند قىلغان. زاپاس ساقلاش فوندى مالىيە چىقىمىدىكى يېتىشمەسلىككە تولۇقلىما بېرىش ۋە دۆلەتنىڭ تاشقى قەرزىنى تۆلەشكە ئىشلىتىلگەن، دۆلەت پاراۋانلىق فوندى ئاساسلىقى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا تولۇقلىما بېرىشكە ئىشلىتىلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر