- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياۋروپا ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئا تىپلىق H1N1 زۇكۇمىدا نەچچە يۈز ئادەم قازا قىلدى
2016.01.25 09:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2016-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە، رۇسىيە، ئەرمىنىيە، گېروزىيە قاتارلىق ياۋرو-ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئا تىپلىق H1N1 زۇكۇمى يامراپ كېتىپ، نەچچە يۈز ئادەم ئۆلگەن. 2009-يىلى ئاپرېلدا، ئا تىپلىق H1N1 زۇكۇمى ئالدى بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدا تارقالغان، ئارقىدىن تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنياغا يامرىغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2009-يىلى ئىيۇن تارقىلىشچان زۇكامدىن ئېھتىيات قىلىش دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالتىنچى دەرىجىگە كۆتۈرگەن. 2010-يىلى ئاۋغۇستتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئا تىپلىق H1N1 زۇكۇمىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ئارىدا دۇنيادىكى 214 دۆلەت ۋە رايون بۇ خىل زۇكام بىلەن يۇقۇملانغان بىمار بارلىقىنى دوكلات قىلغان، ئاز دېگەندىمۇ 18449 ئادەم بۇ كېسەل بىلەن قازا قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر