- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇشنى مۇراجىئەت قىلدى
2014.05.09 10:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 7-ماي رەئىس باياناتى ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يادرو، خىمىيىۋى، بىئولوگىيىلىك قۇراللارنىڭ كېڭىيىشىنى ۋە ئۇنى يۆتكەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قۇراللارغا ئېرىشىشىنى ۋە ئۇنى يۆتكەش ئۈسكىنىلىرىنى توسۇشىنى قايتا تەكىتلەيدۇ.
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لىيۇ جىيى 7-ماي مۇنداق دېدى: يادرو ۋە بىئولوگىيەلىك تېررورلۇقىنىڭ ھەقىقى ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھادىسىدىنمۇ ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش بىلەن ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كۈچ ۋە ئەقىل پاراسەت قوشۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا تۇرتكە بولۇپ، دۇنيا خەلقنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر