باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى يېقىنلاپ قالدى

2014.05.12 20:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە ئالتە ھەپتىمۇ قالمىدى، لېكىن برازىلىيەنىڭ رىئودى ژانىيرودا يېقىنقى ئىككى كۈندە ئۇدا نامايىش بولدى، بۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە غايەت زور خىرىس ئېلىپ كەلدى.

  8-ماي رىئودى ژانىيرودىكى بىر قىسىم ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى ئىش تاشلاپ، مائاشىنى 40 پىرسەنت ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، بەزى ئېتىرازچىلار 300دىن ئارتۇق ماشىنىنى ۋەيران قىلىۋەتتى ھەتتا بەزىلەر ئوت قويدى.

  رىئودى ژانىيرو شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە 600 مىڭ چەتئەللىك ساياھەتچى برازىلىيەگە كېلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمى رىئودى ژانىيروغا كېلىدىكەن. بۇ شەھەردە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن ئىبارەت يەتتە مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. نامايىشنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ رىئودى ژانىيرونىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر