باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فرانسىيە پۇتىننىڭ نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالدى

2014.05.12 19:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى 8-ماي فرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىككىنچى ئىستانسىسىدا: رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ رۇسىيە خەلقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە 6-ئىيۇندىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  8-ماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياۋروپا رايونى غەلىبە قىلغان كۈن، شۇ كۈنى ھوللاندى پارىژدا مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ گېرمانىيە فاشىستلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھوللاندى فرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىككىنچى ئىستانسىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە ھازىر مېنىڭ پۇتىن بىلەن بولۇپمۇ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئىختىلاپى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شەخسىي بىلەن ئاداۋىتىم يوق، ھەم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن نەچچە مىليون رۇسىيەلىكنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر