- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەۋەردە: سىنگى 17-ماي ۋەزىپىسىدىن قالىدۇ دېيىلدى
2014.05.12 20:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگى 17-ماي ھىندىستان سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ ئىككىنچى كۈنى ئۆزىنىڭ ئىككى نۆۋەت زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، سىنگى 16-ماي پۈتۈن مەملىكەتكە خوشلىشىش سۆزى قىلىدىكەن. سىنگى بۇ يىل يانۋاردا ھىندىستان سايلىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلىمەن دېگەن.
ھىندىستان خەلق پالاتا سايلىمى 7-ئاپرېل باشلانغان، 12-ماي ئاياغلىشىدۇ. سايلام نەتىجىسىنى 16-ماي ھىندىستان سايلام كومىتېتى ئېلان قىلىدۇ. ھازىرقى ئەل رايى نەتىجىسىگە قارىغاندا، نارېندېرا مۇدى رەھبەرلىكىدىكى خەلق پارتىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر