باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

برازىلىيە چەتئەللىكلەرنىڭ چېگرىسىدىن كىرىش سىياسىتىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى

2014.05.12 19:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  برازىلىيە 7-ماي بىر تۈرلۈك يېڭى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، بۇندىن كېيىن برازىلىيەگە ساياھەتكە، سودا قىلىشقا ياكى سەنئەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كەلگەن چەتئەللىكلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  برازىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئەربابى مۇنداق دېدى: بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت برازىلىيەنىڭ ساياھەت كەسپىنى قوزغىتىپ، خەلقئارا سودا ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ بۇيرۇق برازىلىيە زۇڭتۇڭى رۇسىفنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە.

  چېگرىدىن كىرىش يېڭى سىياسىتىدىن تۇنجى بولۇپ نەپ ئالىدىغانلار بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان چەتئەللىك پۇتبولچىلار ھەمدە برازىلىيەگە كېلىپ مۇسابىقە كۆرۈدىغان چەتئەللىك توپ مەستانىلىرى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر