باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى 3- ئاينىڭ 16-كۈنى باشلاندى

شىنجاڭدا ئەتىيازلىق ساياھەتنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى

2019.03.28 21:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ خەۋەر قىلىدۇ: باھار كىرگەن 3- ئايدا تۇرپاندا ئۆرۈك چېچەكلىرى تەدرىجىي ئېچىلدى. 3- ئاينىڭ 16- كۈنى، تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى باشلاندى. بۇ، شىنجاڭدا 2019- يىللىق ئەتىيازلىق ساياھەتنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمىي ئېچىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

  تۇرپان ئويمانلىقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى بويىچە باھارنى ئەڭ بۇرۇن كۈتۈۋالىدىغان جاي، شۇنداقلا شىنجاڭدا ئەتىيازلىق چېچەك سەيلىسى قىلىشنىڭ «تۇنجى بېكىتى» ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوق پويىزنىڭ قاتنىشىغا ئەگىشىپ، ئەتىيازدا تۇرپانغا كېلىپ چېچەك سەيلىسى قىلىش نۇرغۇن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ دەم ئېلىشىدىكى يېڭى مودىغا ئايلاندى، بىر كۈنلۈك چېچەك سەيلىسى يەنە ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەتىيازلىق ساياھەت مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى.

  «بىز 3- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ ئۆمەك ئەۋەتتۇق، ھەر كۈنى ئۈچتىن بەشكىچە ئۆمەك بار، تاكى 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. ساياھەتچىلەر ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرسىمۇ، ئوق پويىزغا ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ، ھەممىسىلا بىركۈنلۈك سەپەر. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ تىزىملىتىش ئەھۋالى يامان ئەمەس». 3- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭ كىروران جىنجوۋ ساياھەت كوپىراتىپى تارقاق ساياھەتچىلەر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چېن لياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھازىر تۇرپاننىڭ تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشتى، نۇرغۇن ئۆرۈك چېچىكى ئېچىلىشقا باشلىدى، ئۆرۈك چېچىكىنى ئالدىن تاماشا قىلغۇسى بارلار مۇشۇ بىر ئىككى كۈندە بارسا بولىدۇ، ئۆرۈك چېچىكىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن يەنە بىر قانچە كۈن ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ».

  شىنجاڭ تيېچىڭ ئىستىراھەت ساياھەت كوپىراتىپىمۇ 3- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۆمەكنى يولغا سېلىشنى بېكىتتى. «بىز ئوق پويىزنى تاللىدۇق، بۇنداق بولغاندا سەپەر ۋاقتى تېجىلىپ، ساياھەتچىلەر مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۆپرەك كۆرەلەيدۇ. ساياھەتچىلەر ئۆرۈك چېچىكىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، تۇرپان ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى پەن - تېخنىكا ساياھەت باغچىسىغا بېرىپ يېشىل ئۈزۈشنى ھېس قىلالايدۇ، يەنە پىچان قۇمتاغ قۇملۇقىغا بېرىپ ئوينىيالايدۇ» دېدى شىنجاڭ تيېچىڭ ئىستىراھەت ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ دىرېكتورى لى خۈي تونۇشتۇرۇپ.

  3- ئاينىڭ 15- كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ تيېچىڭ ئىستىراھەت ساياھەت كوپىراتىپىدا نۇرغۇن نەنجىڭلىق ساياھەتچىنى ئۇچراتتى، ئۇلار 3- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى بىر كۈنلۈك تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى ساياھەت ئۆمىكىگە تىزىملاتقانىدى. «تۇرپان بېرىشقا ئەرزىيدىغان جاي، بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياخشى تاماشا قىلىمەن» دېدى ساياھەتچى چېڭ شىنخۇا.

  لى خۈي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، تۇرپانغا ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئاساسلىقى ئۈرۈمچىدىن كېلەتتى، بۇ ئىككى يىلدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى».

  «بىز 3- ئاينىڭ 23- كۈنى تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى مەخسۇس ئوق پويىزى ماڭغۇزۇشنى پىلانلىدۇق. بۇ يىل ساياھەتچىلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئەھۋالى خېلى ياخشى. ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، بىز مەخسۇس پويىزنى كۆپەيتىشنى ئويلىشىمىز» دېدى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ تىڭفېن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر