باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتتى

بازارلاشقان سودا توك مىقدارى 46 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى

2019.03.28 21:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر دۇ گاڭ). ئېنېرگىيە چوڭ رايونى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، 2018- يىلى بازارلاشقان سودا توك مىقدارى 46 مىليارد 520 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، شىنجاڭ ئىچىدە سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %41ىنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %8 پوئېنت ئاشتى. بۇ، ئالاقىدار سودا - سانائەت كارخانىلىرىنىڭ توك باھاسى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭ 2018- يىلى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ خېرىدارلار بىۋاسىتە سودىسى، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئۆزىگە تەۋە ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە ماكسىمۇم ئالماشتۇرۇش سودىسى، ئوت ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ توك چىقىرىش ھوقۇقى ئالماشتۇرۇش سودىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بازارلاشقان سودا كۆلىمىنى كېڭەيتكەن.

  46 مىليارد 520 مىليون كىلوۋات سائەت ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى چوڭ خېرىدارلار بىۋاسىتە سودىسى بولۇپ، 29 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چوڭ خېرىدارلار بىۋاسىتە سودىسىدىن نەپ ئالغانلىقتىن، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىشى تەخمىنەن 1. 0 يۈەن/كىلوۋات سائەت تۆۋەنلەيدىكەن. باشقا ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدە يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن ئوت ئېلېكتىرنى باغلاپ چوڭ خېرىدارلار بىۋاسىتە سودىسى قىلغان، بىۋاسىتە ھەزىم قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيە 2 مىليارد 140 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، توك باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلىگەن.

  ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋە مۇھىتنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ توختىتىلغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ توك چىقىرىش ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش سودىسى ۋە خىزمەتتىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ توك چىقىرىش ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش سودىسى ئارقىلىق ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چوڭ ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى كىچىك گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ توك چىقارغان، بۇ ئىككى خىل بازارلاشقان سودا توك مىقدارى جەمئىي 8 مىليارد 780 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر