باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى

«بەش جاي، يەتتە باغچە»گە 22 مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ماكانلاشتى

2019.03.28 21:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات سىنىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقان. ھازىرغىچە، «بەش جاي، يەتتە باغچە»گە 22 مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ماكانلاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلغان، سىرتتا يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتىدىن يەتتىسى قۇرۇلغان، كەسىپلەر ئىتتىپاقى توپىدىن ئۈچى تەشكىللەپ قۇرۇلغان، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزىدىكى ئۈچ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلاپ قوشۇلۇشى بىلەن دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى قۇرۇلغان.

  بۇلتۇر، «شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى ئومۇمىي يولغا قويۇش لايىھەسى(2020 − 2018- يىل)» ئېلان قىلىنىپ، «بەش جاي، يەتتە باغچە» ئالدىن قۇرۇلدى. «بەش جاي، يەتتە باغچە» ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، قومۇل شەھىرى ۋە قاراماي شەھىرىگە جايلاشقان دۆلەت دەرىجىلىك يەتتە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونىدىن ئىبارەت.

  كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق «كەمتۈكلۈك» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيەسى مەبلەغ چىقىرىپ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى «يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات فوندى» تەسىس قىلدى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، جۇڭكې شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش فوندى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق 13 كارخانىغا مەبلەغ سالدى.

  «يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنى ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى، سىياسەت، مەبلەغ، سۇپا جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىرىمىز» دېدى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ دۇڭۋېي.

  تۈزۈم كاپالىتى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى»نى چىقىرىپ، بىر قاتار سىياسەت ھۆججەتلىرى ۋە يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «تىيانشاندا ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كارخانىلار، تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ئورتاق قۇرغان تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۇپىسى ۋە كەسىپ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسى ئىتتىپاقىنى قوللاپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئەقىل كىرگۈزۈش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئەقىل كىرگۈزۈش نەتىجىلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە «ئىككىلەمچى كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى؛ ياش دوكتورلارنى كىرگۈزۈش پىلانى، تىيانشان يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى پىلانى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ شياۋلېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى داۋاملىق يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللايدىغان ياخشى مۇھىتنى كۈچەپ يارىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى ۋە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر