باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2018.12.19 10:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، مەملىكەتلىك نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ۋە ئىلغارلارنىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى كادىرلار ئىستىلى مەسىلىسىنى دەرھال ھەرىكەتلىنىپ دەرھال تۈزەشكە ئائىت تۈزىتىش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇلۇشى ھەم ئۇنىڭدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2018- يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت خۇلاسىسى»، «2018- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى <قىشلىق ھۇجۇم>نى يولغا قويۇش لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، ۋەزىپە ئېغىر، ۋەزىيەت تەخىرسىز، كەينىگە سۈرۈشكە بولمايدۇ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل قىشتىن كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە بولغان ئۈچ ئاي ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، قىشلىق ئارىسال ۋاقىتنى قىشلىق ئالدىراش ۋاقىتقا ئايلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «قىشلىق ھۇجۇم»نى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەسىلە يۆنىلىشى، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش- تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، 2019- يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «قىشلىق ھۇجۇم»نى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «قىشلىق ھۇجۇم»دا ئەۋزەل ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، دىققەتنى چاچماي، زېھىننى بۆلمەي، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچىدىن، تەربىيەلەشنى تۇتۇپ، ئېھتىياج يۆنىلىشى بىلەن ئەمەلىي جەڭ قىلىش مەشىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كادىرلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇش ۋە نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، تۈرنى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسى ۋە 16 مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىدىن سەرخىل كۈچلەرنى ئاجرىتىپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە چۈشۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇپ، يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈر مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش دەل جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، تۈزىتىشنى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ، بىرى ئارقىلىق باشقا مەسىلىلەرنىمۇ بايقاپ، چىڭ تۇتۇپ بوشاشتۇرماي، تۈزىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە قىستاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىللىق خىزمەتلەرنى باھالاش، تىپلارنى تاللاپ تۇرغۇزۇش، ئىلغارلارنى باھالاش- مۇكاپاتلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 2018- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئوبيېكتىپ خۇلاسىلەپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرگە ئىلمىي تەكلىپ بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇلۇشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تىنچ ھالەتتە نامايان قىلىش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش، دەل جايىدا ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇش، كەلگۈسىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، قەدەم- باسقۇچلار بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سان- سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر