باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زامانىۋى مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى

مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن

2018.12.19 10:10   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

زامانىۋى مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى

 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تۈگىچى يېزىسىدا پەرداز قىلىش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش زەنجىرسىمان دۇكىنى ئېچىۋاتقان زۇلخۇمار ھەمدۇللا (ئوتتۇرىدا) كەنت ئاھالىسىگە پەرداز قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتمەكتە. (مۇخبىرىمىز ياڭ بىن فوتوسى)

ئىلاۋە

  جەمئىيەت مۇقىم بولماقتا، ئىقتىساد تەرەققىي قىلماقتا، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانماقتا، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتمەكتە... جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا، ھەممىلا يەردە زامانىۋى يېڭى كەيپىياتنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەممىلا يەردە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش بولماقتا.

  بىر مەيدان ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ھەرىكىتى جەنۇبىي شىنجاڭنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللار ئارىسىدا گىرىم قىلىدىغانلار كۆپەيدى، دېھقانلار ئارىسىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپەيدى، ئاز سانلىق مىللەت ئامما ئارىسىدا پۇتۇڭخۇادا سۆزلىشىدىغانلار كۆپەيدى، پۇقرالارنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان تۇغقانلىرى كۆپەيدى، يېزا- كەنتلەردە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كۆپەيدى، «بەش كۆپەيگەن» خۇشاللىنارلىق ھالەت نامايان بولدى. ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، مۇخبىرلىرىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەر- يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەرەققىياتنى، ئۆزگىرىشنى كۆردى، پۇقرالارنىڭ قەلب سۆزلىرىنى ئاڭلىدى، پۇقرالارنىڭ يېڭى ئۈمىدىگە ئورتاقلاشتى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالماقتا، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۆزگەرمەكتە» ئىستونى ئېچىپ، بىر گۇرۇپپا يۈرۈشلۈك خەۋەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېڭى كەيپىياتنى ھېس قىلىپ، تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە ئورتاق گۇۋاھ بولىمىز.

  ھەميان تومپايدى، كۈلكە سادالىرى كۆپەيدى، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت ئىپادىلەندى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بېيىدى، تۇرمۇش ئۇسۇلى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتى... جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىنى ئايلانسىڭىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن خىلمۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلالايسىز. بىر مەيدان ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ھەرىكىتى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا قانات يېيىۋاتىدۇ، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان زامانىۋى مەدەنىي يېڭى كەيپىيات كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.

  مۇقىملىق پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئامما زامانىۋى تۇرمۇشقا كەڭ قۇچاق ئاچتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىن قەلبىدىن قوغداپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن گۈزەل يۇرت- ماكاننى قۇرۇش بۇ قەدىمىي تۇپراقنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى ئۇرغۇتتى.

  يېڭى ئىدىيە يېڭى كەيپىياتنى ۋۇجۇدقا چىقاردى

  11- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتە، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 19 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققان بولۇپ، جامباز يېزىسىنىڭ قەدەمجاي كەنتىدىكى «يەكشەنبىلىك بازار» ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا نۇرغۇن خېرىدارنى كۈتۈۋالدى.

  ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى لىق توشقانىدى، بازارنى كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ- چۇرۇڭى بىر ئالغانىدى، كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغىنى رەڭدار تاۋارلار ۋە ئېسىل يېمەكلىكلەردىن باشقا، يەنە چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ مودا كىيىنىشى، ياسىنىشى ئىدى. ئايالچە كىيىم سېتىۋاتقان راھىلە ھەسەن چېچىنى بويىۋالغان، گىرىم قىلىۋالغان، يۇڭ جىلىتكىلىك كوپتا، پادىچىلار ئىشتىنى ۋە كالتە قونجىلىق ئۆتۈك كىيىۋالغان بولۇپ، بەكلا مودا كۆرۈنەتتى. 25 ياشلىق راھىلە ھەسەن پۇتۇڭخۇادا راۋان سۆزلەپ ماڭا مۇنداق دېدى: ماللارنىڭ ھەممىسىنى قەشقەر شەھىرىدىن كىرگۈزدۈم، ئەڭ يېڭى پاسونلارنى تاللاپ ئەكەلدىم، ئىلگىرىكى كونا پاسوندىكى كىيىملەرنى ئالىدىغانلار قالمىدى، قانچە مودا بولغانسېرى شۇنچە ياخشى سېتىلىدۇ.

  ئۈنلۈك ئاۋازدا خېرىدار چاقىرىپ ئاقسىل تالقىنى سېتىۋاتقان پاتىگۈل تاش 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەكىت ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، مېنى كۆرۈپ دەرھال بىر ۋاراق تەشۋىقات ۋەرەقى سۇندى. ئۇنىڭدىن «بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنى دېھقانلار قوبۇل قىلالامدۇ؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ خۇشال ھالدا: قوبۇل قىلالايدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، يايما ئاچقىنىمغا بىر يىل بولدى، سېتىۋالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى كونا خېرىدارلار، دەپ جاۋاب بەردى.

  تەرلەپ- پىشقىنىمچە بازاردىن قىستىلىپ چىقىپ كەنتتە ئاستا ئايلاندىم، ئۆيىنى زىننەتلەۋاتقان كەنت ئاھالىسى كېرىمجان غوپۇرنىڭ ئۆيىگە كەلگىنىمدە، ئۇ قىزغىنلىق بىلەن مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.

  كېرىمجاننىڭ ئۆيى توققۇز ئېغىز بولۇپ، 250 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، ئۆينىڭ تورىسى كۆك رەڭدە، ئۆي جاھازلىرى ئاق رەڭدە سىرلىنىپتۇ، ھۇجرا ئۆيىدە ئىچىگە نەرسە- كېرەك سالغىلى بولىدىغان بەنچاڭ بار ئىكەن، پېشايۋان ۋە ئۈزۈم بارىڭى پولات قۇرۇلمىلىق ئىكەن. كېرىمجان شاڭخەي تەلەپپۇزى ئارىلاشتۇرۇپ پۇتۇڭخۇادا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئۆي زىننەتلەشكە 100 نەچچە مىڭ يۈەن خەجلىدىم، ئىلگىرىكى كاڭنى ئېلىۋەتتىم، ئۆي پاكىز بولسا، كېسەل ئازىيىدىكەن.

  كېرىمجان 2002- يىلىدىن باشلاپ شاڭخەيدە كاۋاپچىلىق قىلغان بولۇپ، شۇ يەردە نۇرغۇن دوست تۇتقان، بۇ يىللاردا ئۇ ھەر يىلى كەنتكە قايتىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ كەتكەن، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمدى ياخشى بولدى، شاڭخەيدىن دوستلىرىم كەلسە، كۈتۈۋېلىشقا ئۆيۈمنىڭ شارائىتى يار بېرىدىغان بولدى. كېرىمجان سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندە كۆپ پۇل تاپقىلى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى، نۇرغۇن دوست تۇتقىلى بولىدىغانلىقىدەك پايدىلىق تەرەپلىرىنى تەپسىلىي سۆزلەپ مۇنداق دېدى: يۇرتداشلار ئىلگىرى ئۆيىدىلا تۇرۇشنى خالايتتى، ھازىر سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدى. كەنتىمىزدە نەچچە ئون ئادەم باشقا جايلاردا، بەزىلىرى ئۈرۈمچىگە، ئىلىغا باردى، يەنە شاڭخەيگە بارغانلارمۇ بار، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

  ئاياللار ئارىسىدا گىرىم قىلىدىغانلار كۆپەيدى، دېھقانلار ئارىسىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپەيدى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا پۇتۇڭخۇادا سۆزلەيدىغانلار كۆپەيدى، پۇقرالارنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان تۇغقانلىرى كۆپەيدى، يېزا- كەنتلەردە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كۆپەيدى... جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەلسەپە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى مۇرات قىنايەتنى ھاياجانلاندۇردى. مۇرات مۇنداق دېدى: بۇ، بىر مەيدان ھەقىقىي ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بوپتۇ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى، ھەرىكەت شەكلى ۋە روھىي قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىپتۇ.

  11- ئاينىڭ بېشىدا، مۇرات جەنۇبىي شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارغان، بارغانلىكى جايدىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە تەپسىلاتلار ئۇنى ھەم ھەيران قالدۇرغان ھەم خۇشال قىلغان. مۇرات مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يىللىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا كەنتتە تۇرغانىدىم، ئەينى چاغدا كەنتتىكىلەر دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، كەيپىيات بۇرۇقتۇم، ھاياتىي كۈچ كەمچىل ئىدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆزىگە ئىشەنچ باغلىغان، ئۈمىدۋارلىققا تولغان كۈلكە چىرايلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەممىلا جايدا تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان سىيمالارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  يېڭى ئۆزگىرىش يېڭى قىياپەت ئېلىپ كەلدى

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى پارتىيە قۇرۇلۇشى- قانۇن ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لياڭ مىڭشيا بۇلتۇردىن بۇيان پات- پات يېزىلارغا بېرىپ جەمئىيەت تەكشۈرۈپ، يۇرتداشلار بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى. لياڭ مىڭشيا مۇنداق دېدى: بىز سۆزلىگەن لېكسىيە تولىمۇ ئالقىشلاندى، كەنت ئاھالىلىرى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىغىمۇ ئىنتىلىدىكەن، ھازىر كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ زامانىۋى مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆستى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۆزگەردى، قارىشىمۇ يېڭىلاندى.

  11- ئاينىڭ 25- كۈنى كەچقۇرۇن، قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى سالام قادىر بىلەن بىللە قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلاندىم، 27 ياشلىق سالام يېقىندىلا ئىككى ئايلىق يېزا خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەنىدى. «يېڭى شەيئىلەر بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرسا، ئادەمنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدىكەن، كەيپىياتىمۇ ئېچىلىپ قالىدىكەن. بۇ ئىككى يىلدا يېزا ۋە دېھقانلاردا ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەرلىرىمۇ تېخىمۇ زامانىۋى تۈس ئالدى.» سالام شۇنداق دېگەچ مېنى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە باشلاپ كەلدى.

  قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى «شەننى» قەھۋەخانىسىدىن قويۇق مەززىلىك ھىد تارقىلىپ تۇراتتى. دۇكان ئىگىسى مىرئەخمەت تۇراخۇن مۇنداق دېدى: بىز قەھۋەنى نەق مەيداندا ئېزىپ دەملەپ بېرىمىز، خېرىدارلار ئارىسىدا ساياھەتچىلەردىن باشقا، يەنە يەرلىك ئاھالىلەرمۇ بار. ھازىر كونا شەھەر رايونىدىكى ياشانغانلار كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان، قەھۋەيىمىزنىڭ تەمىنى تېتىپ باقىدىغان بولدى. بۇ يىل بۇ يەردە يېڭىدىن بىرنەچچە قەھۋەخانا ئېچىلدى، ھەممىسىنىڭ تىجارىتى ياخشى.

  80 ياشلىق ئوبۇلقاسىم ئۆزىنىڭ مىس ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ ئالدىدا توك پار ئوچاقتا ئىسسىنغاچ مۇنداق دېدى: بۇ، ئادەتتىكى ئوچاقتىن ياخشىكەن، مۇھىت ئاسرايدىكەن، مۇھىتنى بۇلغىمايدىكەن. دۇكاندىكى ياڭراتقۇدىن يېنىك مۇزىكا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت بىلەن 67 يىل شۇغۇللانغان بۇ بوۋاينىڭ چېھرىدىن خاتىرجەملىكى بىلىنىپ تۇراتتى، ئارقىسىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان خىلمۇخىل مىس بۇيۇملار خۇددى ماي بوياق رەسىمدەك كۆرۈنەتتى.

  «گۈزەل قىزلار پەرداز قىلىش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش سالونى» دېگەن دۇكاننىڭ چىراغلىرى باشقىچە يورۇق ئىدى. ئىشىكتىن كىرىپلا «قايسى مەھسۇلات بەك سېتىلىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىدىم. دۇكان ئىگىسى جيا لىنا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى: پەرداز ۋە چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى بەك ئالقىشلىنىۋاتىدۇ، ھازىر قىزلار گىرىمسىز سىرتقا چىقمايدىغان بولدى.

  قەشقەر شەھىرىدە يېقىندا چوڭ تىپتىكى بىر كەچلىك بازار ئېچىلغاچقا، سالام كونا شەھەر رايونىدىكى كەچلىك بازارنى «كونا كەچلىك بازار» دەپ ئاتىغان. ئىلگىرى كەچلىك بازارغا كۆپ قېتىم بارغان بولساممۇ، بۇ قېتىم يېڭى- يېڭى چىرايلارنى كۆردۈم: ئۆپكە- ھېسىپ سېتىۋاتقىنى خۇيزۇ ھەدە ما ئاشا بولۇپ، مالاتاڭ يايمىسىنى يېڭىدىن كەلگەن سىچۈەنلىك يىگىت شياۋ تاڭ ئاچقانىدى. خەنزۇ قىز خې پىڭ مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرى مەن تاۋىدا پىشۇرغان دۇفۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، نۇرغۇن خېرىدار ئۈندىدارىمنى قوشۇۋالدى. كىچىك راك، قىسقۇچپاقا ساتىدىغان سۈي يۈيىڭ يېنىدىكى ئۇيغۇر يايمىچى بىلەن پاراڭلاشقاچ، ئۇنىڭ قاچا- قۇچىلىرىنى يىغىشتۇرۇشىغا ياردەملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تولىمۇ خۇشال ئىدى.

  سالام مۇنداق دېدى: مانا بۇ تەسىرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆرۈنۈشى. سالامنىڭ ئۆلچەملىك پۇتۇڭخۇادا سۆزلىگەنلىكىگە لەڭپۇڭ سېتىۋاتقان تىجارەتچىنىڭ تولىمۇ مەسلىكى كەلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىپ، مۇشۇنداق ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا سۆزلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خۇددى نەپەس ئېلىشقا ئوخشاش تەبىئىي، خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش كەم بولسا بولمايدۇ. ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن قوشماقلاشقان تۇغقىنى بار بولۇپ، دائىم ئۆيلىرىدە بىرنەچچە كۈن تۇرىدۇ. كۆرۈشكەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ھېسسىياتمۇ تەبىئىيلا بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

  ئاقسۇ شەھىرىدىكى «100 يىللىق كونا كوچا» ۋاڭسەن كوچىسى ھەر مىللەت سودىگەرلىرىنى بۇ يەردە جەم بولۇشقا جەلپ قىلدى، ھازىر نۇرغۇن دۇكانلار ۋىۋىسكىسىنى ئۆزگەرتىپ، «بىر ئائىلە كىشىلىرى» دەپ ئاتىدى. «بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئاشخانىغا كىرسەم، ئاشخانىنىڭ ئىگىسى لۇۋ جيەنبو بىلەن مۇختەر ئابدۇرۇسۇل بولۇپ، بۇ ئىككىيلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، بىرلىشىپ بۇ ئاشخانىنى ئاچقان. مۇختەر مۇنداق دېدى: ھەمكارلىقىمىز كۆڭۈللۈك بولۇۋاتىدۇ، كۆڭلىمىز بەك يېقىن.

  يېڭى تۇرمۇش يېڭى ئىنتىلىشنى بارلىققا كەلتۈردى

  ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆسكەچكە، مەنىۋى تۇرمۇشتا يېڭى ئارزۇ ۋە ئېھتىياج بار بولدى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ھەربىر كەنتكە بارغىنىمدا مول، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كۆردۈم.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى چوڭ سەھنىدە مەيدان ئۇسسۇلى ئويناپ، مودېل كۆرسىتىۋاتاتتى، خۇشاللىق كۈلكىسى كۆككە ياڭرىغانىدى. بۇ كەنتتە ھەپتىدە بىر مەيدان ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى قويۇلىدىكەن، ئايدا بىر قېتىم ئەدەبىيات- سەنئەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان مەيدان ئۇسسۇلى يەنە ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەيدان ئۇسسۇلى مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ.

  كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزىسى يېڭىتۇر كەنتىدىمۇ «سەھرا چوڭ سەھنىسى» بار بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتى قۇرۇپ، ناخشا- ئۇسسۇل، ئەلنەغمە نومۇرلىرىنى تەييارلاپتۇ، بىر يىلدىن ئارتۇق سەييارە ئويۇن قويۇپ، بارغانسېرى داڭق چىقىرىپتۇ.

  ھەر كۈنى كەچتە، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمىدىكەن. كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىدىن چىقىپ، كەنتتىكى بىنخې تەنتەربىيە- مەدەنىيەت باغچىسىدا ئارام ئالىدىكەن، سەيلە قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدىكەن. بالىلار بەك خۇشال ئىكەن، ئۇلار قىزىقارلىق مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ياخشى كۆرىدىكەن. كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل ئىمىن ھەر كۈنى كەچتە ئوغلىنى ئويناتقىلى ئەكىلىدىكەن، بالىسىنىڭ خۇشال ھالىتىنى كۆرۈپ، قەلبى بەختكە چۆمىدىكەن، «ھازىر كۈنلىرىمىز بالدىنمۇ تاتلىق!» كەنت ئاھالىسى مەخمىخان يۈسۈپمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ناھايىتى قوللاپ مۇنداق دېدى: چىرايلىق سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى بۈگۈنكى كۈندە يەنە «ئۆستەڭ بويىدىكى مەنزىرىلىك ئۆي» بولۇپ قالدى، ئەمدى شەھەرلىكلەرگە ھەۋەس قىلمايمىز!

  بۇ كەنت يېقىندا پۈتۈن كەنت بويىچە نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىققانىدى. «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پۇقرالار ئىنتايىن بەختلىك، ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى مەملىكەت بويىچە ئەڭ تولۇق، ئەڭ ياخشى، سالمىقى ئەڭ زور.» ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى ليۇ يى چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنىڭ سالمىقى زورايتىلىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى ھەممە ئائىلىگىچە ئەمەلىيلىشىپ، پارتىيەنىڭ قۇياش نۇرى ھەربىر ئائىلىنى ئىللىتتى، ئاممىنىڭ قەلبى مىننەتدارلىققا تولدى، تەرەققىياتمۇ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولدى. ياخشى كۈنلەر مۇقەررەر ھالدا كىشىلەرنىڭ روھىي قىياپىتىنى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگۈزىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى زامانىۋى مەدەنىيلىككە ئىنتىلىدىغان بولدى، تۇرمۇشتىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئىنتىلىشى بار بولدى.

  11- ئاينىڭ 3- كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ تۇساللا يېزىسى قارامەت كەنتىدىكى ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقانلارنىڭ تويىغا قاتناشتىم. توي ئاددىي ئەمما داغدۇغىلىق بولۇپ، زامانىۋى پۇراققا ئىگە ئىدى. كاستۇم- بۇرۇلكا كىيگەن يىگىت ئابدۇھېكىم رازاق توي مەشرىپىدە خۇشال ھالدا توي قىزىنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە كۆپچىلىكنىڭ تىلەكلىرىنى قوبۇل قىلدى. ئابدۇھېكىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كەنت سورۇن بىلەن تەمىنلەپ، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، مەن پەقەت ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرىمغا خەۋەر قىلىپ، پولۇ، مېۋە- چېۋە ۋە پىشۇرۇقلارنىلا تەييارلىدىم. تويۇمنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى، خۇشاللىق كۈلكىسىگە ۋە بەختكە تولۇشىنى خالايمەن!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى 
    ·بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى بىللە كىتاب ئوقۇپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم
    ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قېلىپل…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول ب…