باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2018.12.19 10:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا ئىسلاھاتنى، بىر قولدا كەسىپنى تۇتۇپ، دىققەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتتىق ۋاسىتە بىلەن يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، قاتتىق ۋاسىتە ئارقىلىق بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار نۆۋەتتىكى كەسكىن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە، ئۆز- ئۆزىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. كەسىپ، ساھەلەرگە ئايرىپ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، زور ئوت ئاپىتى خەۋپى ساقلانغان ئورۇنلار، نۇقتىلىق سورۇنلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام كوچا باشقارمىسى، يېزا- بازار، مەھەللە(كەنت) ئاھالە كومىتېتى قاتارلىقلاردىن كۈچ تەشكىللەپ، كوللېكتىپ ئىجارە ئۆي، كونا ئاھالىلەر تۇرالغۇسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئازايتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئۆتكۈنچى مەزگىلىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي جەڭدە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئادەم، ئاپتوموبىل، جابدۇقلارنىڭ ھەر ۋاقىت ياخشى ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىدە تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر