- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ بىڭتۇەن پارتكومى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەسقەر قادىر تەكشۈرۈلدى
2018.12.17 15:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەن پارتكومى بىرلىك سەپ بۆلۈمى (بىڭتۇەن مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، بىڭتۇەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، مۇئاۋىن مۇدىرى) ئەسقەر قادىر ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ .
ئەسقەر قادىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
ئەسقەر قادىر، ئەر، ئۇيغۇر، 1960- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، 1975- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1989- يىلى 2- ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر