باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىلىدىكى 40 بىرىنچى: تۇنجى ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى

2018.12.14 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2009-يىلى ئەتىيازدا، ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى تارقىلىشچان زۇكام يەر شارىغا كەڭ تارقالغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم تارقىلىشچان زۇكام سىگنال دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى ئالتىنچى دەرىجىگە كۆتۈردى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، ئېلىمىز ئالىملىرى جىددىي ھەرىكەتكە كەلدى. 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ، ئامېرىكا كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئا تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان زەھەر تۈردىشى X-179A جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىندى. بېيجىڭ كېشىڭ پاي كونترول جانلىقلار تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تېزدىن يولغا قويدى.

  9-ئايدا، ئا تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى پارچىلاش ۋاكسىنىسى «پەنئېرلەيفۇ 1-نومۇر» ئەسلىدىكى دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تارقاتقان دورا تەستىق نومۇرىغا ئېرىشىپ، ۋاكسىنا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تەتقىق قىلىش، سىناق ياساش، كىلىنكىلىق تەجرىبە قىلىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، رويخەت تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن رەسمىي تەستىقلىنىشقىچە جەمئىي 87 كۈن ۋاقىت كەتتى.

  سابىق سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن لەن جۇڭگو بويىچە، ھەتتا دۇنيا بويىچە تۇنجى ئا تىپلىق HINI تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەن پىدائىي. ئۇ شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋە 8-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ كېشىڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تەجرىبىگە ئىشلىتىلىدىغان ئا تىپلىق HINI تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئالدى بىلەن ئەملىتىپ، شۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋاكسىنىغا بولغان تولۇق ئىشەنچى ۋە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارغا بولغان قوللىشىنى بىلدۈردى. 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭدە دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پارات ۋە نامايىش قىلىش قوشۇنىغا ئا تىپلىق HINI تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەندى.

  2010-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تېببىي ژۇرنال «يېڭى ئېنگلاند تېببىي ئىلىم ژۇرنىلى»نىڭ تور بېكىتىدە «2009-يىلى بېيجىڭدىكى ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمى» نامىدىكى ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىندى، بۇ دۇنيا بويىچە ئا تىپلىق HINI تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى پارچىلاش ۋاكسىنىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئەملەپ بولغاندىن كېيىن، بىخەتەرلىكى ۋە قوغداش ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلىش ئۈستىدىكى تۇنجى تەتقىقات بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى تەتقىقاتى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىدە تۇرغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  بېيجىڭ كېشىڭ پاي كونترول بىيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى يىن ۋېيدوڭ مۇنداق دېدى: ئىنسانلارنىڭ ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامغا قارشى تۇرۇش مۇداپىئە جېڭىدە، 1 - سەپتىكى تاڭ نۇرى شەرقتە پەيدا بولدى، دۇنيا بويىچە دورا تەستىق نومۇرىغا ئېرىشكەن تۇنجى تال ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى جۇڭگودا دۇنياغا كەلدى، بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ پەخرى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر