باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2018.12.14 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 11- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا دېمۇكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە ـ گۇرۇھسىز زاتلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئانالىز-ھۆكۈملىرى ۋە ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىدار ئاممىنى يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىرادىسى ۋە نىيىتىدە چىڭ تۇرۇش، مەملىكىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ ۋە خەن جېڭ قاتارلىقلارمۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردىن دوكلات بەردى، ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى گۇ شېڭزۇ، جوڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جوڭگو ئىشچىلار دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جوڭگو ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، 3- سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيە ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لى داۋكۈي قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئۈستىدىكى تەھلىلى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمىتى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى قۇۋۋەتلىدى، ھەمدە ئۆتكەلگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىشتىكى يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ تېخنىكا تەرەققىيات ئۇسۇلىدا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىش، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار جەھەتلەردە پىكىر ۋە تەكلىپلەر بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر