باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2018.12.12 09:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 9- كۈنى، 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرەپ بىلەن كاتتا مۇكاپاتقا، تەقدىرلەش مۇكاپاتى ۋە نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالاقىدار كارخانا ۋە تۈرلەر ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈچ كارخانا ۋە بىر تۈر بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.

  جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات بولۇپ، تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، باشقۇرۇش جەھەتلەردە دۆلىتىمىزدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە خەلقئارادا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلەرنى ھەم كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان كارخانا ۋە تۈرلەرنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش مەقسەت قىلىنغان. بۇ نۆۋەتلىك باھالاشتا 12 كارخانا، 11 تۈرگە جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتى بېرىلدى؛ 20 كارخانا، 16 تۈرگە جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش مۇكاپاتى بېرىلدى؛ 14 كارخانا، ئون تۈرگە جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتى بويىچە نامىنى ئاتاش مۇكاپاتى بېرىلدى.

  شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى قارىمىقىدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان كارخانا بولۇپ، 1958- يىلى قۇرۇلغان، 2006- يىلى شېنجېن بېرژىسىدا پېيى بازارغا سېلىنغان، شىنجاڭ نۇقتىلىق قوللايدىغان ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇش كارخانىسى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزنىڭ خىلور- ئىشقار، ۋىسكوزا تالا، ۋىسكوزا يىپ ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا. ھازىر ئون چوڭ كەسىپلەر رايونى ۋە يىلىغا 2 مىليون 600 مىڭ توننا PVC، بىر مىليون 800 مىڭ توننا كۆيدۈرگۈچى ئىشقار، 1 مىليون توننا سېلليۇلوزا تالاسى، 3 مىليون ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ۋە 1 مىليون مو كېۋەز تېرىشتىن ئىبارەت ئايلانما ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ خىلور- ئىشقار ۋە سېلليۇلوزا تالاسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى.

  جۇڭگو نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى بىرلەشمىسىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ شېڭشيۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسىنىڭ ئەقلىي ياسىمىچىلىق، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيىتى گەۋدىلىك بولغاچقا مۇكاپاتلاندى.

  شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ خۇڭشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشىش جۇڭتەي گۇرۇھىغا نىسبەتەن غايەت زور ئىلھام. شىركىتىمىز بۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، بايلىق سۈپىتى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپلەر توپى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خىمىيە سانائىتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى ئومۇمىي مۈلۈك، سېتىش كىرىمىنى «قوش 100 مىليارد»تىن ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تيەنيې (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ كارخانا ھەمدە شىنجاڭ لوپنۇر كالىيلىق ئوغۇت بازىسىنىڭ يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا كالىي سۇلفات ئىشلەپچىقىرىش تۈرى جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى 2011- يىلى 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شىنجاڭ تيەنيې (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ لوپنۇر كالىيلىق ئوغۇت بازىسىنىڭ يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا كالىي سۇلفات ئىشلەپچىقىرىش تۈرى 2016- يىلى 4- نۆۋەتلىك جۇڭگو سانائەت كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر