باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گۇاڭشىدىكى ھەر مىللەت ھەر ساھەدىكى كادىر ۋە ئامما ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى، ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2018.12.11 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، گۇاڭشى زېمىنىدا يېڭى قىياپەتلەر نامايان بولدى. 10- دېكابىر چۈشتىن كېيىن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى گۇاڭشى تەنتەربىيە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  گۈلىستانلارغا پۈركەنگەن ۋە شاد ـ خوراملىققا چۆمگەن بۈگۈنكى نەننىڭ مانا ئەمدى بايرام كەيپىياتىغا تولغان بولۇپ، ئۇچىلىرىغا مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىشكەن 22 مىڭچە ھەر ساھە كادىرلىرى ۋە ئامما گۇاڭشى تەنتەربىيە مەركىزىگە جەم بولۇشۇپ، بۇ كاتتا مەرىكىنى بىرلىكتە قىزغىن تەبرىكلىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە، جۇاڭزۇچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتا «گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان بولۇپ، «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشايلى»، «جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى گۇاڭشىنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى» دېگەن شۇئارلار يېزىلغان چوڭ لوزۇنكىلارمۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.«ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ، قايتا گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن 12 چوڭ خەت يېزىلغان لوزۇنكىمۇ ئېگىز ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى «1958» ۋە «2018» دېگەن رەقەملەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى .

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3لەردە، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى چېڭ ۋۇ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ياڭراق دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن چۈنلەن جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىلىرىنى ئوقۇدى.

  ۋاڭ ياڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىلەكلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، گۇاڭشىدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەنلىكىمدىن خۇشال بولدۇم. مەن جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۇەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، گۇاڭشىدىكى 56 مىليون ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىغا بايراملىق سالىمىمنى يوللايمەن ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر