باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى 11 ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى %6.5 ئاشتى

2018.12.14 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 1 تىرىليون 77 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 تۆۋەنلەپ، باج كېمەيتىش ئۈنۈمى تەدرىجىي نامايان بولغان. 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 17 تىرىليون 233 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 8 تىرىليون 216 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشقان؛ يەرلىكنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى ئۆز دەرىجىسىدىكى كىرىمى 9 تىرىليون 16 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمىدىكى باج كىرىمى 14 تىرىليون 900 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان؛ غەيرىي باج كىرىمى 2 تىرىليون 233 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 تۆۋەنلىگەن.

  ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 11- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى 19 تىرىليون 175 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان، يىل بېشىدىكى خام چوتنىڭ %91.4ى تاماملانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، مائارىپ چىقىمى 2 تىرىليون 774 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئاشقان؛ پەن-تېخنىكا چىقىمى 673 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشقان؛ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى 2 تىرىليون 437 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشقان؛ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە پىلانلىق تۇغۇت چىقىمى 1 تىرىليون 410 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئاشقان؛ ئېنېرگىيە تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش چىقىمى 487 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان؛ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق چىقىمى 1 تىرىليون 684 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر