خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسى رىچموندخىل شەھىرىدە، كانادا فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ جۇڭگولۇق پۇشتىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى گۇەن خۇيجېن (سولدا) ۋە تەن گېڭ «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار خاتىرە مۇنارى»غا گۈلچەمبىرەك قويماقتا.
كانادادىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە جۇڭگولۇقلار 9-دېكابىر ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى رىچموندخىل شەھىرىدە «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار خاتىرە مۇنارى»نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، كانادانىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللىرى، كانادا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى، ئونتارىئو ئۆلكىسى ۋە تورونتو شەھىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگونىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق ھەر ساھە ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 2000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى