خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورى بىلەن رۇسىيە MKR-Media تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالاش مۇراسىمى 11- دېكابىر خەلق گېزىتى يېڭى ئاخبارات بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. خەلق تورىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى تاڭ ۋېيخوڭ بىلەن رۇسىيە MKR-Media تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى ئاننا مېرىكوۋا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى تەرەپكە ۋاكالىتەن ھۆججەت ئىمزالىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ خەۋەرنى ئۆزئارا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش ۋە بىرلەشمە زىيارەتنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.
ئەسلەتمە ئىمزا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، تاڭ ۋېيخوڭ بىلەن ئاننا مېرىكوۋا جۇڭگو بىلەن روسىيە تاراتقۇلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى.
تاڭ ۋېيخوڭ مۇنداق دېدى: خەلق تورى بىلەن رۇسىيە تاراتقۇلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق 10 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. 2013- يىلى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق شاھىت بولۇشى ئاستىدا، خەلق تورى بىلەن رۇسىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقان ئىدى. يەنە 2014- يىلى، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ شاھىد بولۇشى ئاستىدا، خەلق تورى بىلەن بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقى كېلىشىم ئىمزالاشقان ئىدى. مانا ئەمدى خەلق تورىنىڭ رۇسىيە تاراتقۇلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق شېرىكلىكىگە 10دىن ئاشتى.
بۈگۈن، خەلق تورى بىلەن MKR-Media تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىق ئەسلەتمىسىگە ئىمزا قويۇلدى. بۇ ئەسلەتمە بىلەن، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاخبارات، مەدىنىيەت ۋە تەنتەربىيە تۈرى بويىچە توردا ۋە تور سىرتىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك تەسىر كۈچى ۋە تارقىتىش كۈچىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان ھالدا، يەنە تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايونلارغا تارقىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئاننا مېرىكوۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىدىن پايدىلىنىش نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى پەقەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ئىقتىسادىي ساھە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، يەنە مەدەنىيەت، مائارىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئادەتتىكى ئامما تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كېڭەيتىلدى. روسسىيە خەلقى جۇڭگونى ھەقىقىي چۈشىنىشكە بەك قىزىقىدۇ، MKR-Media ئەمدى بۇ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، روسسىيە خەلقىنى جۇڭگو توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي خەۋەرلەر ۋە ئېسىل مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى