خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ خۇسۇسىي ئادۋوكاتى بولغان مايكىل كوخېن 12-دېكابىر نيۇيوركنىڭ مانخاتتان فېدىراتسىيە يەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ئامېرىكا فېدىراتسىيە سوتىنىڭ ئەمەلدارى ۋىليام پولى شۇ كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: كوخېن پارلامېنتقا يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن باشقا، يەنە فېدىراتسىيە سايلام مەبلىغى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنىمۇ ئىقرار قىلدى. 2016-يىلى ئامېرىكىنىڭ سايلام كۈنىدىن بۇرۇن، ترامپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ترامپنىڭ ئۆزى بىلەن ئىشى بارلىقىنى ئاشكارىلىماقچى بولغان ئىككى ئايالغا ئېغىز تۇۋاقلاش پۇلى بەرگەن ۋە بۇنىڭ ھەممىسى «سايلام نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن» دېگەن. كوخېن جىنايىتىنى تونىغان ھەمدە تەپتىش تەرەپ ۋە «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» تەكشۈرۈشىنى قىلىۋاتقان ئالاھىدە تەپتىش ئەمەلدارى مىللىر بىلەن ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇۋېتەلمەيدۇ.
ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىدىن باشقا، كوخېنغا يەنە 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلدى، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە 1 مىليون 400 مىڭ دوللارغا يېقىن باج پۇلى ۋە ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن 100 مىڭ دوللار جەرىمانىنى تولۇقلاپ تۆلەيدۇ. ئۇ 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ ئۆزى تۈرمىگە بېرىپ جازا مۇددىتىنى ئۆتەيدۇ.
شۇ كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، كوخېن مۇنداق بىلدۈردى: ئۇ «ئاجىزلىق» ۋە «قارىغۇلارچە سادىق بولۇش» سەۋەبلىك خاتا يولغا ماڭغان، ئۇ داۋاملىق تەپتىش تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.
كوخېن بۇ يىل 52 ياش، 2007-يىلىدىن باشلاپ ترامپقا قانۇن ئىشلىرى ۋە سودا ئىشلىرىدا ياردەملەشكەن. بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ، ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى كوخېننىڭ نيۇيوركتىكى ئىشخانىسى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە مېھمانخانا ئۆيىنى ئاختۇرۇپ كومپيۇتېر، تېلېفون، مالىيە خاتىرىسى ۋە «قوغدىلىدىغان خېرىدارلار ئۇچۇرى» قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ترامپ نيۇيوركنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى رۇدى جۇلىئەننىنى خۇسۇسىي ئادۋوكاتلىققا تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن.
كوخېن بۇ يىل 8-ئايدا تەپتىش تەرەپنىڭ سەككىز تۈرلۈك ئەيىبلىشى بويىچە جىنايىتىنى تونىغان، بۇنىڭ ئىچىدە، فېدىراتسىيە سايلام مەبلىغى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، باجدىن قېچىش ۋە بانكا ئالدامچىلىقى قاتارلىقلار بار. ئالدىنقى ئايدا، كوخېن ئىلگىرى پارلامېنتقا يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان، ئۇ ئۆزىنىڭ 2016-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغىچە موسكۋا ترامپ سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانى توغرىسىدا رۇسىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىك ئەھۋالىنى يوشۇرغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى