- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجوۋ كىپىلىك بىلەن قويۇپ بېرىلدى
2018.12.13 15:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كانادانىڭ بىرىتانىيە-كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى شۇ جاي ۋاقتى 11- چېسلا چۈشتىن كېيىن كېسىم چىقىرىپ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجوۋنىڭ كېپىللىك بىلەن قويۇپ بېرىلىش ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
سوت مەھكىمىسى ئىزاھات بېرىپ، مېڭ ۋەنجوۋ بىر ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئايال سودىگەر ئىكەن، ھەمدە ھېچقانداق جىنايەت خاتىرىسى يوق ئىكەن، شۇڭا، ئۇنىڭ كېپىللىك بىلەن قويۇپ بېرىلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، دېدى.
مېڭ ۋەنجوۋ شۇ كۈنى سوتتا ئامېرىكىنىڭ شىكايىتىنى ئىنكار قىلدى.
ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بېرى، مېڭ ۋەنجوۋنىڭ كانادا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ خەۋەر كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغاپ كەلدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 7- دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بۇ ئىشتا كانادا ۋە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن مەسلىھەتلىشىشنى بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە جۇڭگو تەرەپنىڭ كەسكىن مەيدانىنى بىلدۈردى، ھەم شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ بۇ خادىمنى تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى دەرھال ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش كېرەكلىكىنى، ھەمدە تۇتۇپ تۇرغان خادىمنى دەرھال قويۇپ بېرىش كېرەكلىكىنى، دەۋالاشقۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر