باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى جەنشۇ تايلاند قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ رەئىسى پومپېت بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.12.13 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى خەلق سارىيىدا تايلاند قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ رەئىسى پومپېت بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تايلاند جۇغراپىيە جەھەتتە قوشنا، قانداش، مەدەنىيىتى تۇتىشىدۇ، ئىقتىسادى ئۆزئارا بىركىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بويان، ئىككى تەرەپ، بۇلتۇر 9 - ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ زوڭلى پېرايۇت بىلەن شيامېن رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىككى تەرەپ، بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنى تايلاند 4.0 شەرقىي ئىقتىساد كارىدورى قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن پائال تۇتاشتۇرۇپ ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا تۇرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا مۇھتاج. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنىڭ ھەرگىز تاقالمايدىغانلىقىنى، بارغانسىرى كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، ھەمدە ئېچىۋېتىشكە دائىر بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى جاكارلىدى، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارتىپ بېرىدۇ . جۇڭگو رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى بويىچە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىش ئۈستىدە ئېزدىنىدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تايلاند قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىنى پۇختا قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  پومپېت مۇنداق دېدى: تايلاند، «بىر بەلباغ،بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدۇ، ھەمدە جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بىلەن ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى، پەن - تېخنىكىدا ئىگىلىك تىكلەش، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. تايلاند قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر