باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بۇلۇت ئۈستى ئاممىۋى قاتنىشى» شىنجاڭ ھاۋا يولىنى تۇتاشتۇردى

خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ئايرودۇرۇمغا تۇتاشتۇردى

2018.12.12 09:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، غۇلجىلىق ساياھەتچى لو لياڭ خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، كورلىدىن غۇلجىغا ئۇچۇپ، بىر سائەتتىن كېيىن غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ باردى. «ئىلگىرى پويىزغا ئولتۇرغاندا ئون سائەتكە يېقىن ۋاقىت كېتەتتى، ئەگەر ئايروپىلانغا ئولتۇرماقچى بولسام، ئالدى بىلەن كورلىدىن ئۈرۈمچىگە، ئاندىن ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا ئۇچاتتىم. ھازىر ناھايىتى قولاي بولدى، كورلىدىن بىۋاسىتە غۇلجىغا ئۇچۇپ، مۇساپە زور دەرىجىدە قىسقاردى». دائىم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تۇرىدىغان لو لياڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان، ئۆمۈچۈك تورىدەك قويۇق تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەسى ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى شىنجاڭغا كىرىپ يۈرۈش بازىسى قۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى. ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى ئۇزاقتىن بۇيان مەخسۇس تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەسى يولۇچى، يۈك تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولغان خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ئارىسىدىكى تارماق لىنىيە تورىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىزچىل كۈچەپ كەلدى. بۇ يىل 4- ئايدا، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى كورلا قونۇش بازىسىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى رەسمىي ئېچىلدى؛ 11- ئاينىڭ 25-كۈنى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تۇنجى ئايلىنىپ ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ــــ «كورلا- چاقىلىق - چەرچەن» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كورلا، چاقىلىق، چەرچەن ئايرودۇرۇملىرىنى تۇتاشتۇردى، ھەربىر بۆلەك مۇساپىدە ئۇچۇشقا پەقەت 40 مىنۇتتىن 50 مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ؛ خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى زىچلاشتۇرۇپ، كورلىنى دۆلەت ئىچىدىكى غول لىنىيە تورىغا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كورلا - تۇرپان - لەنجوۋ، كورلا - غۇلجا، غۇلجا - چۆچەك - ئالتاي، كورلا - نارات - چۆچەك، كورلا - بورتالا قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى كۆپ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، رايون تارماق لىنىيەلىرى ئۆزئارا تۇتاشقان ئاۋىياتسىيە تورىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى كورلا بازىسىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ شياۋبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى زىچلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا شىنجاڭ ئىچىدە «بۇلۇت ئۈستى ئاممىۋى قاتنىشى» ئاۋىياتسىيە ئىستېرېئولۇق تورىنى بەرپا قىلىشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم شەھەرنى زىچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايلىنىپ ئۇچۇش لىنىيەلىرى بىلەن ئۇلاپ ئۇچۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، شەھەرلەر ئارىسىدىكى ۋاقىت ۋە بوشلۇق ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، پۇقرالارنىڭ سەپەر شارائىتىنى ياخشىلىدى. ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن شىنجاڭ ئىچىدىكى «بۇلۇت ئۈستى ئاممىۋى قاتنىشى» ئاۋىياتسىيە ئىستېرېئولۇق تورى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىغا تۇتاشتى.

  تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتى كورلىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، كورلا ئايرودۇرۇمىنى ئادەتتىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن بىردىنلا بازا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە ئىگە ئىككىلەمچى تۈگۈن ئايرودۇرۇمىغا ئايلاندۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا كورلا ئايرودۇرۇمىنى رايون مەركىزى قىلغان، شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شىنجاڭ سىرتىدا ئۆزئارا تۇتاشقان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ يىل كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇدا ئۈچ ئايدىكى ئايلىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 170 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى 6780 ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى. 2018- يىلى پۈتۈن يىلدا يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 1 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم ئەتراپىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى.

  يېقىندا، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ 49 يۈەنلىك سىناپ ئۇچۇش ئايروپىلان بېلىتىنى تەسىس قىلدى، 2018- يىلى ئىچىدە تۇنجى قېتىم خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرغان يولۇچىلار 12- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە بىر قېتىم شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 49 يۈەنلىك سىناپ ئۇچۇشتىن بەھرىمەن بولىدىكەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 15 شەھەر، 37 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تاللىسا بولىدىكەن.

  خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى لو تۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى يېڭىدىن ئالتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىدۇ ھەم 12- ئايدا يېڭىدىن ئىككى ئايروپىلاننى كۆپەيتىپ، 18 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدا ئۇچۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، غۇلجا، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردا قونۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىلەمچى تۈگۈن توپلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، «شىنجاڭ سىرتىدا تېز ئۇچۇش، شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ ئۇچۇش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر