باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ 2020-مالىيە يىلىدا دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ئۈچۈن «غايەت زور سومما» ئاجراتماقچى بولدى

2018.12.11 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ 9-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، زۇڭتۇڭ دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى ئازايتىش خىيالىنى ئۆزگەرتىپ، بەش بۇرجەك بىنا تەشەببۇس قىلىۋاتقان 2020-يىللىق مالىيە يىلىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن 750 مىليارد دوللارلىق خامچوت ئاجرىتىش پىلانىنى قوللىماقچى بولغان.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوت قىزىل رەقىمى ئالتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە يەتكەن. ترامپ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىچكى كابىنېت ئەمەلدارلىرىغا ئامال قىلىپ فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوتىنى %5 ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ 10-ئايدا 2020-يىللىق مالىيە يىلىدا دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى 700 مىليارد دوللاردىن يۇقىرى بولمايدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ سان 2019-يىللىق مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى 716 مىليارد دوللاردىن تۆۋەن بولغان.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە-ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جامىس مارتىس، پارلامېنت كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتا ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جامىس ئىنخوف ۋە مارك سورىنبۇرى 4-چېسلا تىرامپ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، 750 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىدا بىردەك قاراشقا كەلگەن. بۇ سان-سېفىر بەش بۇرجەك بىنانىڭ ئىلگىرى مۆلچەرلىگەن 733 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان.

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مايك ئاندىرۇس مۇنداق دېدى: بەش بۇرجەك بىنا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ساقلايدۇ، ئاقساراي مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە خامچوت ئىدارىسى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەكنى مەسلىھەتلەشمەكتىمىز.»

  2020-يىللىق مالىيە يىلى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر