خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- دېكابىر خەلق سارىيىدا، گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېئىنمېيېر بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىدا ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق، دۇنيا تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى كۆز قارىشى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ تېخىمۇ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ تۆۋەندىكى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى:
جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش ئاساستۇر. ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش − باشتىن-ئاخىر جۇڭگو- گېرمانىيە ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئارزۇسى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى پەرقتىن ھالقىغان، بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشى لازىم. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ مول مەزمۇنلۇق سۆھبەت مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى