باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن بىلەن مېركىل تېلېفونلىشىپ، كېرچ بوغۇزى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

2018.12.11 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 10-دېكابىر تېلېفونلىشىپ، كېرچ بوغۇزى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  كرېمل سارىيى تور بېكىتى 10- دېكابىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇتىن شۇ كۈنى تەكلىپكە بىنائەن مېركىل بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، كېرچ بوغۇزى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلدى. ئىككى تەرەپ بىردەك جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە نۆۋەتتىكى مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئىككى تەرەپ يەنە سۇرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئۇندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىش ئويىغا قارىتا، پۇتىن بىلەن مېركىل ئالاقىدار ۋەزىيەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 11-ئاينىڭ 25-كۈنى قارادېڭىزدا توقۇنۇشۇپ قالدى. ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىزدىكى توقۇنۇش ئۈستىدە سۆزى ئوخشاش بولمىدى. رۇسىيە فېدراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە قىرىم چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرى: ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش پاراخوتى رۇسىيە تەرەپنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، كېرچ بوغۇزىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇندى، رۇسىيە تەرەپ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ بۇ «ئىغۋاگەرچىلىك»ىنى توستى، دېدى.

  ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات ئىدارىسى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى توپچى پاراخوتى ۋە بىر سۆرىگۈچى كېمىسى شۇ كۈنى كېرچ بوغۇزى چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، قارا دېڭىزدىن ئازوۋ دېڭىزىغا كىرىۋاتقاندا، رۇسىيە تەرەپنىڭ بىر ھەربىي كېمىسى ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سۆرىگۈچى كېمىسىنى قەستەن سوقۇپ، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ بىر توپچى پاراخوتىغا ئوت ئېچىپ، ئالتە ئادەمنى يارىلاندۇردى؛ ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ پاراخوتى ۋە پاراخوتتىكى 20دىن كۆپرەك كىشىنى رۇسىيە تەرەپ تۇتۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر